توڭشىن مەشغۇلات سىستېمىسى ئىشلەتكۈچى تەسىرات پىروگراممىسى ئىجازەت كېلىشىمى

يېڭىلانغان ۋاقتى: [2022]-يىلى[8]-ئاينىڭ [30]-كۈنى

كۈچكە ئىگە بولۇش ۋاقتى: [2022]-يىلى [9]-ئاينىڭ [30]-كۈنى

	ئىشلەتكۈچى تەسىرات پىروگراممىسىغا قاتنىشىشىڭىزنى قارشى ئالىمىز. ئىشلەتكۈچى تەسىرات پىروگراممىسى (تۆۋەندە قىسقارتىپ «مەزكۇر پىروگرامما» دەپ ئېلىنىدۇ) توڭشىن يۇمشاق دېتال تېخنىكىسى چەكلىك شىركىتى ۋە ئۇنىڭغا باغلانما شىركەتلىرى ئىشلەپ چىققان ۋە يۈرۈشتۈردىغان، توڭشىن مەشغۇلات سىستېمىسىنى ياخشىلاشنى مەقسەت قىلغان توڭشىن ئۈستەليۈزى مەشغۇلات سىستېمىسىنى ۋە توڭشىن مۇلازىمېتىر مەشغۇلات سىستېمىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ لېكىن بۇنىڭ بىلەن چەكلىنىپ قالمايدۇ،( تۆۋەندە قىسقارتىپ «توڭشىن UOS» دەپ ئېلىنىدۇ) ئىشلەتكۈچى تەسىراتى تور مۇلازىمىتىنى كۆرسىتىدۇ. سىز بۇ پىروگراممىغا قاتناشسىڭىز، بىز بىر قىسىم ئىشلەتكۈچى ئۇچۇرلىرىنى (ئۈسكۈنە ئۇچۇرلىرى، مەشغۇلات سىستېمىسى ئۇچۇرلىرى ۋە ئىشلىتىش مەشغۇلات ئۇچۇرلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) توپلايمىز ۋە توپلانغان ئۇچۇرلارنى تەھلىل قىلىپ، مۇلازىمەت سۈپىتى ۋە ئىشلەتكۈچى تەسىراتىنى ياخشىلاشقا ئىشلىتىمىز.

	بۇ پىروگراممىغا قاتنىشىشتىن بۇرۇن ئىشلەتكۈچى تەسىرات پىروگراممىسى ئىجازەت كېلىشىمى (تۆۋەندە »مەزكۇر كېلىشىم» دەپ ئېلىنىدۇ) دە بەلگىلەنگەن بارلىق ھوقۇق ۋە چەكلىمىلەرنى تەپسىلىي ئوقۇپ چىقىڭ. مەزكۇر كېلىشىم سىز (تەبىئىي ئادەم، قانۇنىي ئادەم ياكى باشقا تەشكىلات) ئارىسىدا كېلىشكەن قانۇنىي كېلىشىم بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. مەزكۇر پىروگراممىغا قاتناشقانلىقىڭىز مەزكۇر كېلىشىمگە قوشۇلغانلىقىڭىز ۋە مەزكۇر كېلىشىمنى ئوقۇپ چۈشەنگەنلىكىڭىزنى بىلدۈرىدۇ. ئەگەر سىز مەلۇم ئورۇنغا ۋەكىللىك قىلىدىغان شەخس بولسىڭىز، مەزكۇر پىروگراممىغا قاتناشقانلىقىڭىز، سىزنىڭ بۇ ئورۇنغا ۋاكالىتەن بۇ كېلىشىمنى قوبۇل قىلىش ھوقۇقىڭىزنىڭ بارلىقىنى بىلدۈرىدۇ. ئەگەر مەزكۇر كېلىشىمدىكى ھەرقانداق بىر ماددىغا قوشۇلمىسىڭىز، بۇ پىروگراممىغا قاتنىشىشنى قوزغاتماڭ.

	ئەگەر مەزكۇر كېلىشىم يېڭى كېلىشم نۇسخىسىغا ياكى باشقا مەزمۇنغا ئالماشتۇرۇلمىسا، بۇ كېلىشىم ئۆلچىمى ئىشلەتكۈچى تەجرىبە پىروگراممىسىنىڭ ھەر قانداق نەشرىگە، شۇنداقلا مۇناسىۋەتلىك يېڭىلانمىلارغا ماس كېلىدۇ.

	1．مەخپىيەتلىك قوغداش

	توڭشىن يۇمشاق دېتالى ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ شەخسىي ئۇچۇرلىرىنى قاتتىق قوغداش ئۈچۈن مەخپىيەتلىك سىياسىتى تۈزگەن بولۇپ، شەخسىي ئۇچۇرلىرىڭىزنى قوغداشقا ئىنتايىن ئەھمىيەت بېرىدۇ. ئىشلەتكۈچىلەر مەزكۇر كېلىشىم ۋە مەخپىيەتلىك سىياسىتىگە بىرلا ۋاقىتتا قوشۇلغاندا ئاندىن مەزكۇر پىروگراممىغا قاتنىشالايدۇ. مەزكۇر پىروگراممىغا قاتناشقاندا، بىز مەزكۇر كېلىشىم ۋە مەخپىيەتلىك سىياسىتىدە بەلگىلەنگەن قائىدە بويىچە ئۈسكۈنىڭىزدىن سانلىق ئۇچۇرلارنى توپلايمىز. تۆۋەندىكى تور بەتتىن مەخپىيەتلىك سىياسىتى تەپسىلاتىنى كۆرۈشكە بولىدۇ: [https://www.uniontech.com/agreement/privacy-cn]

	2．پىروگراممىغا ق

UOS مەشغۇلات سىستېمىسىنى ئورنىتىش جەريانىدا ياكى UOS مەشغۇلات سىستېمىسىنىڭ «كونترول مەركىزى-ئومۇمىي- ئىشلەتكۈچى تەسىرات پىروگراممىسى» دا «ئىشلەتكۈچى تەسىرات پىروگراممىسى» نى قولدا ئېچىشنى تاللىسىڭىز بولىدۇ. مەزكۇر پىروگرامما قوزغىتىلغاندىن كېيىن توڭشىن يۇمشاق دېتاللىرى بۇ كېلىشىم ۋە مەخپىيەتلىك سىياسىتىدىكى بەلگىلىمە بويىچە ئۇچۇرلارنى توپلايدۇ. «ئىشلەتكۈچى تەسىرات پىروگراممىسى» نى خالىغان ۋاقىتتا شەرتسىز ئېتىۋەتسىڭىز بولىدۇ. «ئىشلەتكۈچى تەسىرات پىروگراممىسى» نى ئېتىۋەتكەندىن كېيىن، بىز يۇقىرىدا ئېيتىلغان ئۇچۇرلارنى توپلىمايمىز.

	3．ئۇچۇر توپلاش.

	بۇ پىروگراممىدا، بىز توپلاشقا تېگىشلىك ئۇچۇرلار تۆۋەندىكىدەك (بۇلارنىڭ ئىچىدىكى بەزى ئۇچۇرلار ئەپنى ئىشلىتىش ئۈچۈن زۆرۈر بولغان ئۇچۇرلار، بۇ توغرىسىدا مەخپىيەتلىك سىياسىتىدە ئېنىق ئېيتىلغان):

(1) ئۈسكۈنە ئۇچۇرى؛

(2) مەشغۇلات سىستېمىسى ئۇچۇرى؛

(3) ئىشلىتىش مەشغۇلات ئۇچۇرلىرى،  ھەر كۈنى سىستېمىغا قانچە قېتىم كىرگەنلىكىڭىز، سىستېمىنىڭ قوزغىلىش ۋاقتى، سىستېمىنىڭ تاقىلىش ۋاقتى، پروگراممىنى ئىشلەتكەندە كۇنۇپكىنى بېسىش ۋاقتى، كۇنۇپكا پەرقلەندۈرۈش بەلگىسى، فوكۇس يۆتكىلىش ۋاقتى، مائۇس مەشغۇلات ۋاقتى، پروگراممىنىڭ قوزغىلىش ۋاقتى، پروگراممىدىن چېكىنىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

	4．ئۇچۇر ئىشلىتىش.

	بىز مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلىرىڭىزنى توپلىغاندىن كېيىن، مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى ئۆزىمىز ستاتىستىكىلىق تەھلىل قىلىمىز ياكى ئۈچىنچى تەرەپ شىركىتىگە ھاۋالە قىلىمىز، ھەمدە ستاتىستىكىلىق ئانالىز نەتىجىسىنى تۆۋەندىكى بىر ياكى بىر قانچە شەكىلدە ئىشلىتىمىز:

	(1) ئانالىز نەتىجىسى ئارقىلىق توڭشىن UOS نىڭ ئىقتىدار تەسىراتىنى، تەكشۈرۈش ئۇسۇللىرىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن؛

	(2) مەشغۇلات مايىللىقىڭىزنى تەھلىل قىلىش ئاساسىدا، سىزگە مۇلازىمەت ئۇچۇرلىرى ياكى سىز قىزىقىدىغان دەپ قارىغان باشقا مەھسۇلات ياكى مۇلازىمەت ئۇچۇرلىرىنى يوللاش ئۈچۈن، بۇلار مەھسۇلات ۋە مۇلازىمەت بىلەنلا چەكلەنمەيدۇ، سىزگە خاسلاشتۇرۇلغان ئېلانلارنى كۆرسىتىش ئۈچۈن؛

	(3) توڭشىن UOS ئۈچۈن بازار ئېچىش ۋە تەشۋىق قىلىش ئۈچۈن، مەسىلەن، سىرتقا توڭشىن UOS ئىشلەتكۈچىلىرىنىڭ سانىنى ئېلان قىلىش ئۈچۈن؛

	(4) مەھسۇلات ئىشلىتىش ئەھۋالى ئىستاتىستىكىسى ئۈچۈن، بۇ ئۈچىنچى تەرەپ سانلىق مەلۇمات مۇلازىمەت تور بېكىتى ۋە باشقا ئۈچىنچى تەرەپ توربېكەتلىرى ۋە مۇلازىمىتى بىلەن ئۆز-ئارا تەسىر كۆرسىتىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؛

	(5) ئىستاتىستىكىلىق نەتىجىگە ئاساسەن ئېلىپ بېرىلىدىغان باشقا مەشغۇلاتلار ئۈچۈن.

	بۇ كېلىشىمدە كۆرسىتىلمىگەن كونكرېت شەخسىي ئۇچۇرلارنى قوغداش ئىشلىرى ئۈچۈن (ئۇچۇر قوغداش، قانۇن تەدبىقلاش قاتارلىقلار بىلەنلا چەكلەنمەيدۇ) «توڭشىن مەشغۇلات سىستېمىسى مەخپىيەتلىك سىياسىتى» نى كۆرۈڭ.

	5．بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى.

	5.1 بۇ پىروگراممىغا چېتىشلىق بارلىق نەشر ھوقۇقى، ماركا، پاتېنت، سودا مەخپىيەتلىكى ۋە باشقا بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى، شۇنداقلا بۇ پىروگراممىغا مۇناسىۋەتلىك بارلىق ئۇچۇر مەزمۇنلىرىنىڭ (تېكىست، رەسىم، ئاۋاز، سىن، گرافىك، كۆرۈنمە يۈز لايىھەسى، بەت رامكىسى، مۇناسىۋەتلىك سانلىق مەلۇمات ياكى ئېلېكترونلۇق ھۆججەت، بولۇپمۇ «توڭشىن»، «توڭشىن UOS» ۋە «UOS» نىڭ ماركا بەلگىسى ۋە بەلگىسى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) ھەممىسى توڭشىن يۇمشاق دېتالىنىڭ ئىگىدارچىلىقىدا بولۇپ، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ قانۇن-نىزاملىرى تەرىپىدىن قوغدىلىدۇ، ئەمما مۇناسىۋەتلىك ھوقۇقدارنىڭ قانۇن-نىزاملاردا بەلگىلىگەن ھوقۇقى بۇنىڭ سىرتىدا.

	5.2 توڭشىن يۇمشاق دېتالى ياكى ئالاقىدار ھوقۇقدارلارنىڭ يازما ماقۇللۇقىنى ئالماي تۇرۇپ، ھەر قانداق سودا ياكى سودا خاراكتېرلىك مەقسەتتە، يۇقىرىدىكى بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى يولغا قويۇشقا، ئىشلىتىشكە، ئۆتۈنۈپ بېرىشكە ياكى بۇ پىروگراممىغا مۇناسىۋەتلىك ھەرقانداق بىلىم مۈلۈك ھوقۇق بەلگىسىنى ئېلىۋېتىشكە بولمايدۇ ھەمدە ئۇنىڭ بارلىق كۆپەيتىلگەن نۇسخىسىغا ھازىرقى ئىپادىلەش ئۇسۇلى بويىچە ئۇنىڭ بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنىڭ توڭشىن يۇمشاق دېتالى ۋە ياكى توڭشىن ئىجازەت بەرگەن باشقا كىشىگە تەۋە ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىشىڭىز كېرەك.

	6．ئىشلىتىش شەرتلىرى

	قانۇن-نىزاملارغا ۋە مەزكۇر كېلىشمىگە بويسۇنغان ئاساستا مەزكۇر پىروگراممىغا قاتناشسىڭىز بولىدۇ. تۆۋەندىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان لېكىن ئۇنىڭ بىلەن چەكلەنمىگەن قىلمىشلارنى سادىر قىلىشقا بولمايدۇ:

	（1） تۇرۇشلۇق دۆلەتنىڭ قانۇنىغا خىلاپ، جەمئىيەت بىخەتەرلىكىگە زىيان يەتكۈزىدىغان، ئاممىۋى تەرتىپ ۋە ئۆرپ-ئادەتكە ماس كەلمەيدىغان، ياكى نامۇۋاپىق، ھاقارەتلەيدىغان، شەھۋانىي، زوراۋان ۋە تۇرۇشلۇق دۆلەتتىكى قانۇن-نىزاملارغا خىلاپلىق قىلغان مەزمۇنلارنى ئېلان قىلىش، يوللاش، تارقىتىش ۋە ساقلاش؛

	（2） باشقىلارنىڭ بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى، سودا مەخپىيەتلىك ھوقۇقى قاتارلىق قانۇنلۇق ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز قىلىدىغان مەزمۇنلارنى ئېلان قىلىش، يوللاش، تارقىتىش، ساقلاش؛

	（3） ئېلان ئۇچۇرلىرى ۋە ئەخلەت ئۇچۇرلارنى كۆپ مىقداردا توپ ئېلان قىلىش، يوللاش، تارقىتىش؛

	（4） ئۈچىنچى بىر تەرەپنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇقىغا ( نەشر ھوقۇقى، ماركا ھوقۇقى، پاتېنت ھوقۇقى، سودا مەخپىيەتلىكى، مەخپىيەتلىك ھوقۇقى ۋە مۇناسىۋەتلىك شەخس ھوقۇقىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ لېكىن بۇنىڭ بىلەن چەكلەنمەيدۇ) دەخلى-تەرۇز قىلىدىغان سۈرەت، رەسىم، يۇمشاق دېتال ۋە باشقا ماتېرىياللار بار ھۆججەتلەرنى ئېلان قىلىش، يوللاش، تارقىتىش ياكى باشقا ئۇسۇللار بىلەن يوللاش؛ 

	（5）تور بىخەتەرلىكىگە خەۋپ يەتكۈزىدىغان ھەر قانداق قىلمىش، بۇ تۆۋەندىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ لېكىن بۇنىڭ بىلەنلا چەكلەنمەيدۇ: رۇخسەتسىز سانلىق مەلۇماتلارنى ئىشلىتىش ياكى رۇخسەتسىز مۇلازىمېتىر ياكى ھېساباتقا كىرىش؛ ئاممىۋى تورغا ياكى باشقىلارنىڭ مەشغۇلات سىستېمىسىغا رۇخسەتسىز كىرىش ۋە ساقلانغان ئۇچۇرلارنى ئۆچۈرۈش، ئۆزگەرتىش ياكى قوشۇش؛ ئىجازەتسىز تەكشۈرۈشكە ئۇرۇنۇش، سىكانېرلاش، يۇمشاق دېتال سىستېمىسى ياكى تورنىڭ ئاجىزلىقىنى سىناش ياكى تور بىخەتەرلىكىگە زىيان يەتكۈزىدىغان باشقا قىلمىشلارنى قىلىش؛ يۇمشاق دېتال سىستېمىسىنىڭ نورمال مەشغۇلاتىغا دەخلى قىلىش ياكى بۇزۇشقا ئۇرۇنۇش، يامان غەرەزلىك پىروگراممىلار ياكى ۋىرۇسلارنى قەستەن تارقىتىش ۋە نورمال تور ئ‍ۇچۇر مۇلازىمىتىگە دەخلى قىلىدىغان قىلمىشلار، ؛ TCP / IP سانلىق مەلۇمات بوغچىسى ئىسمى ياكى ئىسىمنىڭ بىر قىسمىنى يالغاندىن ياساش؛

	（6） ۋە باشقا ھەرقانداق قانۇنسىز ئۇسۇل بىلەن، قانۇنسىز مۇددىئا بىلەن ياكى مەزكۇر كېلىشىمگە ماس كەلمىگەن ئۇسۇل بىلەن بۇ پىروگراممىغا قاتنىشىش قىلمىشلىرى.

	ئەگەر يۇقىرىدا تىلغان ئېلىنغان قائىدىلەرگە خىلاپلىق قىلسىڭىز، توڭشىن يۇمشاق دېتاللىرى ئۆز ئالدىغا مەزكۇر پىروگراممىنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئىقتىدارلىرىغا قاتنىشىشىڭىزنى ئاخىرلاشتۇرۇش، پۈتۈنلەي ياكى قىسمەن توختىتىش، چەكلەش ھوقۇقىغا ۋە يۇقىرىقى قىلمىشلارنى سۈرۈشتۈرۈش ھوقۇقىغا ئىگە.

	7．جاۋابكارلىقتىن كەچۈرۈم قىلىش چۈشەندۈرۈشى .

	مەزكۇر پىروگرامما سېتىشتىن كېيىنكى ھەرقانداق باشقا شەكىلدىكى كاپالەتلەردىن بەھرىمەن بولمايدۇ. قانۇن يول قويغان ئەڭ زور چەك ئىچىدە، توڭشىن دېتاللىرى ھەرقانداق ئاشكارا، سۈكۈتتىكى ياكى قانۇن بەلگىلىگەن كاپالەت، كېپىللىك ياكى شەرتلەر بىلەن تەمىنلىمەيدۇ، بۇ مۇناسىۋەتلىك سېتىلىشچانلىقى، ئالاھىدە مەقسەتكە قوللىنىشچانلىقى ۋە ھوقۇققا دەخلى قىلماسلىق سۈكۈتتىكى كاپالەت قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ لېكىن ئۇلار بىلەن چەكلەنمەيدۇ. سىز دائىم ھۆججەتلىرىڭىزنى زاپاسلاپ تۇرۇشىڭىز كېرەك. مەزكۇر پىروگراممىغا قاتنىشىشتا يولۇققان خەۋپ-خەتەرگە ئۆزىڭىز مەسئۇل بولۇشىڭىز كېرەك. مەزكۇر پىروگراممىغا قاتنىشىشتىن كېلىپ چىققان زىيان ۋە خەتەرگە قارىتا، بىۋاسىتە ياكى ۋاسىتىلىك شەخسىي زىيان، سودا پايدىسىنىڭ يوقىلىشى، سودا ئۈزۈلۈپ قېلىش، سودا ئۇچۇرلىرىنىڭ يوقىلىشى ياكى باشقا ئىقتىسادىي زىيانلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، توڭشىن يۇمشاق دېتاللىرى ھېچقانداق مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالمايدۇ. توڭشىن يۇمشاق دېتاللىرى تېلېگراف سىستېمىسى ياكى ئىنتېرنېت تورىنىڭ كاشىلا قىلىشى، سىستېمىنىڭ كاشىلا قىلىشى ياكى باشقا تاقابىل تۇرغىلى بولمايدىغان سەۋەبلەر (خاككېرلارنىڭ ھۇجۇمىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) كەلتۈرۈپ چىقارغان زىيان ئۈچۈن ھېچقانداق جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالمايدۇ .

	8．ئىجازەتنى ئاخىرلاشتۇرۇش.

	8.1 ئەگەر مەزكۇر كېلىشىمنىڭ ھەرقايسى ماددا ۋە شەرتلىرىگە ئەمەل قىلمىسىڭىز، توڭشىن يۇمشاق دېتاللىرى بۇ كېلىشىمنى ئاخىرلاشتۇرسا بولىدۇ.

	8.2 سىزگە مەزكۇر پىروگراممىنىڭ ھەرقانداق ئالماشتۇرۇلغان نۇسخىسى، ئۆزگەرتىلگەن نۇسخىسى ياكى يېڭىلانغان نۇسخىسى تەمىنلەنگەندە، سىزنىڭ بۇ خىل ئالماشتۇرۇلغان نۇسخا ياكى ئۆزگەرتىلگەن نۇسخا ياكى يېڭىلانغان نۇسخىنى مەزكۇر كېلىشىمنىڭ ئورنىغا قوبۇل قىلىشىڭىز شەرت، شۇنىڭدىن كېيىن توڭشىن مەزكۇر توختامنى ئاخىرلاشتۇرسا بولىدۇ.

	9．باشقۇرۇش تەۋەلىكى ۋە قانۇنىي قوللىنىلىشى.

	مەزكۇر كېلىشىمنىڭ تۈزۈلۈشى، ئىجرا قىلىنىشى، چۈشەندۈرۈلۈشى ۋە ئىختىلاپنى بىر تەرەپ قىلىنىشى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ (شياڭگاڭ، ئاۋمېن، تەيۋەن بۇنىڭ سىرتىدا) قانۇنىغا ماس كېلىدۇ. ئەگەر سىز ۋە توڭشىن يۇمشاق دېتاللىرى ئارىسىدا مەزكۇر كېلىشىمنىڭ مەزمۇنى ياكى ئىجرا قىلىنىشىدا ئىختىلاپ كۆرۈلسە ئىككى تەرەپ دوستانە كېلىشىشى كېرەك؛ ئ‍ەگەر كېلىشىش مۇمكىن بولمىغاندا، ھەرقانداق بىر تەرەپ [بېيجىڭ شەھىرى داشىڭ رايونى] خەلق سوت مەھكىمىسىگە ئەرز سۇنسا بولىدۇ.

	10．شەرھلەش ۋە ئۆزگەرتىش.

	10.1 مەزكۇر كېلىشىمگە قارىتا توڭشىن يۇمشاق دېتاللىرىنىڭ قانۇن يول قويغان دائىرە ئىچىدە ئەڭ يۇقىرى چەكتە شەرھلەش ۋە ئۆزگەرتىش ھوقۇقى بار. توڭشىن يۇمشاق دېتاللىرى خالىغان ۋاقىتتا قانۇن-نىزاملارنىڭ ئۆزگىرىشى، شىركەت سودا ئەھۋالى ۋە سودا سىياسىتىنىڭ ئۆزگىرىشىگە قارىتا مەزكۇر كېلىشىمگە ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈش ھوقۇقىغا ئىگە. ئۆزگەرتىلگەندىن كېيىنكى كېلىشىم يېڭى نەشر توڭشىن UOS گە قوشۇمچە قىلىنغان بولۇپ، ئىشلىتىشتىن بۇرۇن مەزمۇنىنى ئوقۇپ قوشۇلۇشنى تاللىشىڭىز كېرەك. مۇناسىۋەتلىك ئىختىلاپ كۆرۈلگەندە، مەزكۇر كېلىشىم بىكار قىلىنىپ ئەڭ يېڭى نۇسخىدىكى كېلىشىمگە ئاساسلىنىش كېرەك. ئەگەر مەزكۇر كېلىشىمدىكى ئۆزگەرتىلگەن مەزمۇنغا قوشۇلمىسىڭىز مەزكۇر پىروگراممىنى قوزغاتمىسىڭىز بولىدۇ. ئەگەر مەزكۇر پىروگراممىغا داۋاملىق قاتناشسىڭىز، مەزكۇر كېلىشىمدىكى ئۆزگەرتىشلەرگە قوشۇلغان بولۇپ ھېسابلىنىسىز.

	10.2 مەزكۇر كېلىشىمنىڭ كۆپ خىل تىل نۇسخىسى بولۇشى مۇمكىن، ئەمما قايسى خىل تىل نۇسخىسىنى تاپشۇرۇۋالغان بولۇشىڭىزدىن قەتئىينەزەر، ئاددىي خەنزۇ تىلى نۇسخىسى ئەڭ توغرا ئىزاھى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

	10.3. مەزكۇر كېلىشىمدىكى بارلىق ماددىلارنىڭ تېمىسى پەقەت ئوقۇشقا قولايلىق بولۇشى ئۈچۈن، ئەسلىدىن ھېچقانداق ئەمەلىي مەنىسى يوق، مەزكۇر كېلىشىمنىڭ مەزمۇنىنى چۈشەندۈرۈشتىكى ئاساس قىلىشقا بولمايدۇ.

	11．بىز بىلەن ئالاقىلىشىش.

ئەگەر بۇ كېلىشىمگە مۇناسىۋەتلىك سوئالىڭىز بولسا ياكى توڭشىن يۇمشاق دېتاللىرىدىن ئۇچۇرغا ئېرىشمەكچى بولسىڭىز، تۆۋەندىكى ئالاقىلىشىش ئۇسۇلى ئارقىلىق توڭشىن يۇمشاق دېتاللىرى بىلەن بىۋاسىتە ئالاقىلىشىڭ: support@uniontech.com.